زۇلۇم داۋاملاشماقتا
Статистикаتۈركىستاندا زۇلۇم كۇندىن كۇنگە ئېشىپ ماڭماقتا. بىز «تۈركىستان» دىكى مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالنى ۋە ئاھ زارىنى سىلەر بىلەن ئازراق بولسىمۇ ئورتاقلىشىپ ماڭىمىز
- Последний пост
- 14 авг.
- Последнее чтение
- 15 авг.
- Постов за неделю
- 14
- Всего постов
- 26
- Тип
- открытый
- Язык
- ku
- В каталоге с
- 13 авг.
- 1/24сутки в ленте
- 545
- 1/48двое суток
- 624
- 1/72трое суток
- 673
Оценка по просмотрам недавних постов: пост набирает почти всё за первые сутки.
Посты
ئەسلىگىن!!!!!،.......... سەن جۈمە نامىزىنى ئوقىغان ۋاقتىڭدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ باقمىغان ئەرلەرنى ئەسلىگىن!!! ئۇلار نىدا قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. لىكىن ئۇنىڭغا ئىجابەت قىلىشتا ئۇلار چارىسىزدۇر. 🛑 سەن جىنازىنى ئۇزىتىپ قويغان ۋاقتىڭدا ئۆزىنىڭ دادىسى ئۆلگەن لىكىن ئۇنىڭ جىنازىسىغا ھازىر بولالمىغان قېرىندىشىڭنى ئەسلىگىن!!! 🛑 ئەگەر سەن قولىڭنىڭ بېغىشىغا قاراپ ئۇنىڭدا سائەتنى كۆرمىگەن ۋاقتىڭدا بېغىشىدا ئېغىر كىشەنلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرىۋاتقان ھەمراھلىرىڭنى ئەسلىگىن!!! 🛑 ئەگەر سەن ئائىلەڭ بىلەن ياشىغان ۋاقتىڭدا ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئولتۇرالمايۋاتقان پەقەتلا تۈرمە گۇندىپايلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقان ئەسىر قېرىنداشلىرىڭنى ئەسلىگىن!!! 🛑 ئەگەر سەن تېلىپۇنىڭنى قولۇڭغا ئالغان ۋاقتىڭدا تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى ئەقىلسىز گۇندىپايلارنىڭ ئىزنى بىلەنلا ئائىلىسى بىلەن تېلپۇن ئالاقىسى قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭنى ئەسلىگىن!!! 🛑 ئەگەر سەن ياخشى كۆرىدىغان قېرىنداشلىرىڭ سىنى يوقلاپ كەلگەندە، سەن ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇ ئانىغا زىيارەت قىلىش ۋاقتىنىڭ ئارقىغا سۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغا شۇ ئانىنى ئەسلىگىن!!! 📢 سەن خالىغان سۆزلىرىڭنى دىگىن،! خالىغان كىيىملىرىڭنى كېيگىن،! خالىغان جايدا تۇرغىن!!! لىكىن باشقىلارنىڭ ئىزنى بىلەن يەۋاتقان، باشقىلارنىڭ ئىزنى بىلەن كىيىنىۋاتقان، باشقىلار خالىغان جايدا تۇرىۋاتقان شۇ ئەسىرلىكتىكى قېرىنداشلىرىڭنى ئۇنۇتما!!! 📢 ئى ھۆرلۈكتىن ئىبارەت كاتتا نىئمەت بىلەن نىئمەتلەنگۈچى قېرىندىشىم، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلاردا، ئۇلار مەھرۇم قالغان نىئمەتلەرگە ئىرىشكەن ۋاقىتلىرىڭدا شۇ ئەسىرلىكتىكى قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتما!!! ئۇلۇغ ئاللاھتىن پۈتۈن دۇنيادىكى مەھبۇس قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسىرلىكتىن قويۇپ بىرىپ ئىززەت ماكانىغا ئۇلاشتۇرىشىنى ۋە ئەھلى بىلەن ئىززەت دىيارىدا جەم قىلىشىنى سورايمىز. 🤲🏻🤲🏻🤲🏻
без подписи
без подписи
🔴 ئەڭ يېڭى : يېقىنقى دەۋىر خىتتاي كومىستىك ھاكىمىيتى تارىخىدىكى يەنە بىر مەشھۇر جاللات ، خىتتاي دۆلىتى گۇۋۇيۇننىڭ سابىق باشلىقى جۇرۇڭجىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆلگەنلىكىنى خىتتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ئېلان قىلدى. ۋاقتى : 13.08.26 (خوپ بولاپتۇ بىر زالىم كاپىر ئۆلەپتۇ. كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆپ ئاڭلىغان بۇ زالىمنىڭ ئىسمىنى. جاڭ زىمىن نىڭ دەۋرىدىن باشلاپ باركەن بۇ قانخۇر. 97 ياشتا ئۆلەپتۇ دەيدۇ دوۋزىخى) https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
ماۋ كافىر ئۆلۈم كارىۋىتىدا ياتقان بولسىمۇ، «ئەجدىھا تەختى»دىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇنىڭ قانچىلىك ھوقۇققا ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 1975-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھالىغا قاراپ بېقىڭ. 81 يېشىدا ئۇ يەنىلا ھاكىمىيەت تۇتتى . ۋە چەتئەللىك ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى ،ئاران تىك ئولتۇراتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلدى. بۇ ماۋنىڭ تەختتە ئۆلۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان «ئىمپېراتورلۇق ئارزۇسى» نى يوشۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.. ماۋ ..تاكى ئاغزىدىن مازغاپ كەلگەنگە قەدەر تەختتە ئولتۇردى . ھوقوق ئۈچۈن مىليۇنلارچە ئىنسانلارنىڭ بېشىغا چىقتى ..شۇم تەدبىر ئىشلەتتى. ھەر زالىمنىڭ يېقىن بىر كەلگۈسى بار .. ئۆلۈم .. ئۆلۈم ئۇلارغا ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ۋە ئازابلىق كېلىدۇ .ھەپتىلەرچە ئايلارچە قىيادىن چۈشۈپ كەتكەن ئىتتەك جان تالىشىدۇ . ئۆلتۈرگەن ،زۇلۇم قىلغان ،تاجاۋۇز قىلغان ھەر بىر جان ئۈچۈن دۇنيادا قىينىلىپ ئۆلگەن تەقدىردىمۇ ، مەڭگۈ ئۆلەلمەيدىغان قورقۇنچلۇق ئازاب ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ ..بۇ نىمىدىگەن يامان ئاقىۋەت ...... [ھۈسەيىن دېڭىز ] https://t.me/zulumlar 🔊🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
«ئەگەر ئەرشكە چېقىۋالساڭمۇ پۇتۇڭدىن تارتىپ تۇتالايمىز!» خىتاينىڭ ئۇيغۇلارغا قارىتىلغان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى دوكلات ئىلان قىلىندى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئاپتور مۇەتتەر ئىلقۇت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، تەتقىقاتچىلار باھالىغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىشىدىكى چوڭقۇر ئەندىشە قوزغايدىغان يېڭى تەرەققىياتلار خاتىرىلەنگەن. بۇ دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى يوقلىشىغا قانداق قىلىپ بارغانسېرى يول قويۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ زىيارەتلەرنى كۆزىتىش ۋە بېسىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئانالىز قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە، خىتايغا تۇققان يوقلاش ئۈچۈن بارغانلارنىڭ سوراق قىلىنغانلىقىنى، چەت ئەلدە تارتىلغان سۈرەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆرسىتىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى توغرىسىدا سوئاللارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ھەمدە دىئاسپورا جەمئىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىش بەدىلىگە خىزمەت ياكى ئائىلە ساياھەت رۇخسەتنامىسى بېرىش تەكلىپلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
без подписи
شى چوشقىنى تىرامپ تىللاپ كەتتى. https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 143 مىڭدىن ئارتۇق ئويغۇر پەرزەنت ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان تاھىر ئىزگىل 27- ئىيۇل تەتقىقاتچى جىن بۇنىن قۇرغان "شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئامبىرى" Xinjiang Victims Database تەرىپىدىن تەيييارلانغا بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئامبار ئۇچۇرلىرى، 2022-يىلى ئاشكارىلانغان "شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى" دىكى پاكىتلار ۋە ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەم دېگەندە 143 مىڭ 228 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت (ئاساسلىقى ئويغۇر) ئۆسمۈرلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش سەۋەبىدىن يالغۇز قالغان. دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئېرىشىلگەن نەتىجىگە كۆرە، مەزكۇر ناھىيەدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ياكى ئائىلىدىكى يالغۇز باققۇچىسى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى كەم دېگەندە 3,772 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %4.22 نى تەشكىل قىلىدىكەن؛ دەلىللەنگەن ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن %56 ىدە، دادا 2017-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن، ئانا بولسا كېيىنكى يىلى (2018-يىلى) يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن؛ ئاتا-ئانا تەڭ تۇتۇلغان ئائىلىلەردە ئوتتۇرىچە 2.4 نەپەر پەرزەنت يالغۇز قالغان بولۇپ، 700 دىن ئارتۇق ئائىلىدە ئاز دېگەندە 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بۇ پەرزەنتلەر ئاساسلىقى ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بوۋا-مومىلىرىنىڭ ياكى تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ھامىيلىقىغا قالغان ۋەياكى تامامەن ئىگە-چاقىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تۇتقۇن قىلىش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، كوناشەھەردىكى %4.22 لىك نىسبەتنى تەدبىق قىلىپ كۆپەيتكەندە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ كەم دېگەندە 143,228 نەپەرگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مۆلچەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلەنگەن تۆۋەن چەك بولۇپ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان. (كۆچۈرۈپ ئىلىندى)
без подписи
ئەركىن تۇرۇپمۇ قورقۇنچقا ئەسىر بولۇش خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى مىللىتىڭنى تۈرمىگە قاماشلا ئەمەس. ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ غەلىبىسى — سەن چەتئەلدە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆز-ئۆزۈڭنى جىم قىلىشىڭدۇر. تۈرمە ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاماپ قويىدۇ؛ ئەمما قورقۇنچ ئادەمنىڭ ۋىجدانىنى قاماپ قويىدۇ. بەدەننىڭ زەنجىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، روھنىڭ زەنجىرىنى بولسا كۆپىنچە ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ. بۈگۈن چەتئەلدە ئەركىن ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزلەش، يېزىش، ئاۋاز چىقىرىش، ياردەم بېرىش ۋە مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئىمكانىيىتى بار. ئەمما نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى بىر زالىم ھاكىمىيەتنىڭ قورقۇنچى ئۇنىڭ تىلىنى تۇتۇپ، قەلبىنى تىترىتىپ، ھەتتا ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن توپلانغان سورۇنلارغا ئىشتىراك قېلىشتىن ، خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىندا شلىرى بىلەن يېقىنلىشىشتىنمۇ توسۇپ قويسا — بۇ پەقەت سىياسىي قورقۇنچلا ئەمەس؛ بۇ روھىي ئەسىرلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ئىنسان ئاتا-ئانىسى، ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلايدۇ. ئېھتىيات قىلىش ئەيىب ئەمەس، بەلكى بەزى ئەھۋاللاردا زۆرۈردۇر. لېكىن «ئېھتىيات» بىزنى ھەقسىزلىق ئالدىدا پۈتۈنلەي جىم تۇرۇشقا، زۇلۇمغا ماسلىشىشقا، ھەق يولىدىكى كىشىلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا ۋە مىللىي مەسئۇلىيىتىمىزدىن قېچىشقا باشلىسا، ئۇ چاغدا ئۆزىمىزدىن بىر ئېغىر سوئالنى سورىشىمىز كېرەك: «مەن ھەقىقەتەن ئەركىنمۇ، ياكى پەقەت تۈرمە تېمىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان بىر مەھبۇسمۇ؟» مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئالىي قورقۇش ۋە ھەيبەت ئاللاھقا خاس بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَا تَخَافُوهُمْ وَخَافُونِ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ﴾ «ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، مەندىن قورقۇڭلار.» [ئال ئىمران: 175] بۇ، مۇسۇلمان ھېچقانداق ئىنسانىي خەتەردىن قورقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئىنساندىن بولغان قورقۇنچ بىزنى ھەقنى تاشلاشقا، زۇلۇمغا يان بېسىشقا ۋە ۋىجدانىمىزنى سېتىشقا مەجبۇرلايدىغان دەرىجىگە يەتمەسلىكى كېرەك دېگەنلىكتۇر. شۇڭا زالىمنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى سېنى قولغا ئېلىشىلا ئەمەس؛ سەن ئەركىن تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ قورقۇنچىنى قەلبىڭگە كۆچۈرۈپ، ئۆز تىلىڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن باغلىشىڭدۇر. زالىم سېنىڭ ئالدىڭغا تۈرمە تېمى قۇرالمىسا، ئەگەر سېنىڭ ئىچىڭگە قورقۇنچ تېمى قۇرۇپ بېرەلىسە — ئۇ يەنىلا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. شۇڭا بەدەننىڭ ئەركىن بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس. ۋىجدانمۇ ئەركىن بولۇشى كېرەك. روھمۇ ئەركىن بولۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى — قورقۇنچنىڭ ئىچىدىكى ئادەممۇ ئەركىن بولۇشى كېرەك. #كۈسەنى (فىيسىبوكتىن كۆچۈرۈپ ئىلىندى)
без подписи
без подписи
قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ 27 يىل بۇرۇنقى 1999- يىللارغىچە ھەقىقى رەسىملىرى. https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
#يەھۇدىيلار #رەزىللىك #دۈشمەنلىك ئىسرائىلىيەلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ ۋەھشىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىن كۆرۈنۈشى! «بىر يەھۇدىينىڭ جېنى 10 مىليون پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىغا باراۋەر.»
ئۇيغۇرنىڭ 2600 يىلدىن ئۇزۇن تارىخى كەنتى، 1300 يىللىق مازار (خەلىق ئەسھابۇل كەھپە مازىرى دەپ ئاتايدۇ). تۇرپان خەلقى تەخمىنەن 15-14 - ئەسىرلەردە چاغاتاي خانلىغى ( 1220- 1690) دەۋرىدە (1300- 1400- يىللىرى) بۇددا دىنىدىن پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىغا ئالماشقان. ۋىدىيدىكى بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلى 15- ئەسىرلەردە تەخمىنەن (1400-يىللىرى) سىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە تەخمىنەن 600 يىللىق تارىخقا ئىگە. ۋىدىيۇدا بۇ مەسچىتىنى 1780 -يىللىرى سىلىنغان (250- يىل بۇرۇن دەپتۇ). ۋىدىيدا سۆزلەنگەن 250 يىللىق تارىخ بولسا، بۇ مەسچىتنىڭ دەسلەپكى سىلىنغان ۋاقتى بولماستىن، بەلكى چىڭ خىتايلىرى ۋەتىنىمىزگە يىڭىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلار بولۇپ، ( لۈكچۈن ۋاڭى - يەرلىك پادىشاھ ) تەرىپىدىن 1780- يىللىرى مەسچىتنىڭ قايتا رىمىنۇت قىلىنىپ ياسالغان ۋاقتى. https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
без подписи
#تۈركىيە خىتاينىڭ تۈركىيەگە كىڭەيگەن زۇلۇمنىڭ دەلىلى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ بۈگۈن ئورۇنلاشتۇرغان كۆز بويامچىلىق پائالىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بارغان ئۈچ ئۇيغۇر ياش خىتايلارنىڭ تۆھمەت خاراكتېرلىك شىكايەتلىرى سەۋەبلىك، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
ھەيۋەتلىك ئاقىدىغان ( بولۇپمۇ ياز ئايلىرىدا) ئىلى دەريانىڭ سۈيى نەگە كەتتى؟ https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭
600 يىللىق ھىيتگاھ جامەنىڭ تارىخى. چاغاتاي خانلىغى ( 1220- 1696) نىڭ 11- ئەۋلات خاقانى، شەرقى چاغاتاي - موغۇلۇستان ( 1347- 1680) خانلىغىنىڭ 6- ئەۋلات سۇلتانى (سۇلتان ئىسان بۇقاخان) (1429 - 1463) ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، خانلىق تەرىپىدىن قەشقەرگە ئەمىر- ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن ( ۋەزىر ساقسىز مىرزا ) نىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1442 - يىلى سىلىنغان. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا نۇرغۇن ئىغىر كۈنلەر كەلگەندىمۇ بۇ جامەنى، ئۇيغۇرلار يەنىلا قۇلىدا تۇتۇپ قالغان ئىدى. لىكىن، كىيىنكى 10 يىلدا بۇ جامە ئىلگىركى 600 يىللىق تارىخىدا پەقەت كۈرۈپ باقمىغان ئىغىر خورلۇقتا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قولىدىن تاجاۋۇزچى كومىنىسنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىپ پۇل تاپىدىغان دەسمىگە، دۇسلار غەمكىن ھىجران كۆزىدە، دۈشمەنلەر مەسخىرە - كىبىر كۆزىدە قارايدىغان سەيلىگاھقا ئايلىنىپ قالدى. ۋەتەندىكى قىرىنداشلارغا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتمايلى. قولىمىزدىن باشقا ئىش كەلمىسىمۇ دۇئا كىلىدۇ قىرىنداشلار 🤲🤲🤲🤲 بۈيۈك ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم ۋە چىقىش يولى بەرسۇن. 🤲🤲🤲🤲 https://t.me/zulumlar 🔊زۇلۇملار داۋام ئەتمەكتە🔥❤️🔥💔❤️🩹😭